شىنجاڭنىڭ 2011-يىللىق داۋالاش ئىشلىرى ئىسلاھاتى ۋەزىپىسى ئاساسى جەھەتتىن تاماملىنىپ دورا باھاسى ئوتتۇرىچە %35 تۆۋەنلىتىلدى
ئاساسى مەزمۇن: 1-ئاينىڭ 18-كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىنىڭ 2012-يىللىق خىزمەت يىغىنىدا، سەھىيە نازارىتىنىڭ نازىرى مەمەت ياسىن بىر خوش خەۋەرنى ئېلان قىلدى، يەنى «توختىماستىن ئىزدىنىش ۋە تېرىشىش ئارقىلىق، 2011-يىللىق داۋالاش ئىشلىرى ئىسلاھاتى ئاساسى جەھەتتىن تاماملاندى.» داۋالاش سۇغۇرتىسىنىڭ كۆلىمى كېڭەيتىلىپ كېسەللىك سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش ئەھۋالىدا يېڭىچە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىندى.
ياشىن تورى خەۋىرى(مۇخبىر شىيا لىجۈەن): يېڭى تىپتىكى يېزا-قىشلىق رايونلىرى داۋالاش تۈزۈمىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا مۇستەھكەملەپ، يېزا-قىشلاقلارنىڭ ئاساسى دورا تۈزۈمى بىلەن پۈتۈنلەي قاپلىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى ھەمدە ئاساسى قاتلام داۋالاش سەھىيە سىستېما قۇرۇلۇشى داۋاملىق كۈچەيتىلىپ، ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى دوختۇرخانا ئىسلاھاتىنى چۆرىدىگەن ھالدا داۋالاش مۇلازىمەت باشقۇرۇش ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتتى.......
1-ئاينىڭ 18-كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىنىڭ 2012-يىللىق خىزمەت يىغىنىدا، سەھىيە نازارىتىنىڭ نازىرى مەمەت ياسىن بىر خوش خەۋەرنى ئېلان قىلدى، يەنى «توختىماستىن ئىزدىنىش ۋە تىرىشىش ئارقىلىق، 2011-يىللىق داۋالاش ئىشلىرى ئىسلاھاتى ئاساسى جەھەتتىن تاماملاندى.»
داۋالاش سۇغۇرتىسىنىڭ كۆلىمى كېڭەيتىلىپ كېسەللىك سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش ئەھۋالىدا يېڭىچە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىندى.
2009-يىلى 4-ئايدا، پارتىيە مەركىزى كومىتېت، گوۋۇيۈەن خەلىقئارالىق پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ پايدىسىز تەسىرىگە ئاكتىپ قارشى تۇرۇش بىلەن بىرگە، «كېسەل كۆرسىتىش ھەققى يۇقىرى، كېسەل كۆرسىتىش تەس» بولۇش مەسىلىنى قەدەممۇ-قەدەم ھەل قىلىش ئۈچۈن، تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى رەسمىي باشلىدى. بۇنىڭدا نۇقتىلىق قىلىپ بەش تۈرلۈك ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈردى: ئاساسى داۋالاش كاپالىتى بىلەن قاپلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ئاساسى دورا تۈزۈمىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئاساسى قاتلام داۋالاش سەھىيە مۇلازىمەت سىستېما قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئاساسى ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى دوختۇرخانا سىناق نۇقتىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك قوزغىتىش، بۇ ئارقىلىق «كېسەل كۆرسىتىش ھەققى يۇقىرى، كېسەل كۆرسىتىش قىيىن» بولۇش مەسلىسىنى ھەقىقى تۈردە ھەل قىلىشنى ئاساسى مەقسەت قىلدى.
